ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
كونىلاردا «كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. نۇرغۇن كېسەللىكلەر يېمەك - ئىچمەكنىڭ پاكىز بولماسلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. ناچار يېمەك - ئىچمەك ئادىتىمۇ ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق.
نەرسە يېگەندە چاينىماي يۇتۇشمۇ ناچار ئادەتلەرنىڭ بىرى. يېمەكلـىـك ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىنلا ئادەم تـېـنـى تـەرىـپـىـدىـن سـۈمـۈرۈلـىـدۇ. يېمەكلىكنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا كىرىشى ھەزىم قىلىنىشنىڭ بـاشـلـىـنـىـشـى. نەرسە يېگەندە ئېغىز بوشلۇقى تەركىبىدە شۆلگەي كـراخـمـال ئېنزىمى بولغان شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ ھەزىـم قىلىشـقا يـاردەم بېرىدۇ. چايناش ۋاقتى ئۇزىرىغانچە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشـىـمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، يېمەكلىك ئوبدان چاينىلىپ يـۇتـۇلـسـا ئاسـان ھەزىـم بولىدۇ ۋە سۈمۈرۈلىدۇ. شۇڭا، نەرسە يېگەندە ئوبدان چايناش، ئاستا يۇتـۇش كېرەك.
ناچار ئادەتلەرنىڭ ئىككىنچىسى، تاماقنى قايناقسۇ ياكى شورپىغا چىلاپ يېيىش، ھەتتا تاماق يېگەچ كۆپلەپ قايناقسـۇ ئىچىش. بۇنىڭدا تـامـاق چاينالماي تۇرۇپلا يۇتۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ھەزىم قىلىش رولى ئاجىزلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ مىقداردىكى سۇ ئاشقازانغا كىرىپ ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇپ ھەزىم قىلىـشـقا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم ئاشقازاننىڭ ئەمگەك مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازانـنىـڭ فۇنكسىيىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە، ھەزىم قىلىـش ۋە سۈمۈرۈشكە تەسىر يېتىدۇ.
غىزالانغاچ كىتاب ئوقۇشمۇ ناچار ئادەتلەرنىڭ بىرى. تامـاق يـېـگـەنـدە ھەزىم قىلىشقا مەسئۇل چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى رايونى غىـدىـقـلـىـنـىـش ھالىتىدە بولۇپ، جىددىي خىزمەت قىلىدۇ. ئەگەر تاماق يەۋېـتـىـپ كـىتاب ئوقۇغاندا، كۈلكە - پاراڭ بىلەن بولغاندا دىققەت چېچىلىـپ، ھەزىـم قىلىش يولىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئازىيىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىـغـا تـەسىر يـېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق دانچىلىرى كانايغا كىرىپ قېقىلىپ كـېـتـىـش، ھەتتا تاسادىپىي ۋەقە كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ياخشى غىزالىنىش ئادىتىنىلا ئۆز ئىچىگـە ئېلىپ قالماستىن، تېـخـىـمـۇ مـۇھىـمـى ئۈچ ۋاقـلـىـق تـامـاقـنـى ئىـلـمـىـي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاماقنى ۋاقتىدا ۋە نورمىلـىـق يـېـيـىـش، زىيادە كۆپ يەۋالماسلىق؛ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئوزۇقلۇقنىڭ ئەتراپلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تاماق تاللىماسلىق، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېمەسلىك لازىم.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تاماقتـىـن كـېـيـىـن جـىـددىـي ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماقتىن ئىلگىرى جىددىـي ھەرىكەت قىلغاندا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق مىقدارى ئازىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىـگـە ئاچ قورساق ئەھۋالدا ئاسانلا تۆۋەن قان شېكىرىلىك شوكلۇق ۋە زەخىملىنىش ۋەقەلىرى كېلىپ چىقىدۇ. تاماقتىن كېيىن جىددىـي ھەرىـكـەت قىلغـاندا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.