UyghurWiki
UyghurWikiئادەم بەدىنىنى ئاسراشنەپەسلىنىش ۋە سالامەتلىك

نەپەسلىنىش ۋە سالامەتلىك

ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى نەپەسلىنىش ئادەم بەدىنىنىڭ تاشقى دۇنـيـا بـىـلەن بـىـۋاسـىـتـە ھاۋا ئالماشتۇرۇشىدىكى ۋاسىتە، نۇرغۇن يۇقـۇمـلـۇق كـېـسـەلـلـىـكـلـەرمـۇ نەپەسلىنىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ياخشى نەپەسلىنـىـش تـازىـلىـق ئادىـتـىـنـى يېتىلدۈرۈش نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنـى ئوبـدان قـوغـداش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. تەنتەربىيە چېنىقىشى نەپەسلىنىش سىستېمىسىنـىـڭ سـاغلامـلـىـقـىـنـى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل. شۇنداق قىلغاندا، قان ئايلىنىش ۋە يۈرەك، ئۆپكە فۇنكسىيىسىنى ياخشىلاپ، ئورگانـىـزمـنـىـڭ قـارشـىـلـىـق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ئازايـتـقـىـلـى بـولـىـدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر ۋاقىت كىيىمنى قېلىنلىتىش - يېلىڭلىتـىـشـقـا دىـقـقـەت قىلىپ، زۇكامداشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چـاڭ - تـوزان، بـور تـوزىـنـى ياكى غىدىقلىغۇچى گاز قاتارلىقلارنى سۈمۈرۈۋېلىشتىن ئىمكـانـقـەدەر ساقلىنىش، مۇھىمى تاماكا چەكمـەسلىك كېرەك. ئاغـزىنى ئېـچـىـپ نەپەسلىنىش، بېـشـىـنـى چـۈمـكـەپ ئۇخلاش قـاتـارلـىـق نـاچـار ئادەتـلـەر نەپەسلىنىشكە پايدىسىز. يەنە كىچىكىدىن تارتىپلا تەكشى، يېنـىـك نەپەس ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئېغىر نەپەس ئالماسلـىـق كـېـرەك. چـۈنـكـى ئېغىر نەپەسلەنگەندە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد كۆپـلـەپ چـىـقـىپ كـېـتىـپ، قاندىكى ئوكسىگېن توقۇلمىلارغا ئاسانلىقچە قويۇپ بېرىلمەيدۇ - دە، ئەكسىـچـە توقۇلمىلاردا ئوكسىگېن كەملىك كۆرۈلىدۇ. بۇرنى ئېقىش، يۆتىلىش، تۈكۈرۈش، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار نـەپـەس يولىنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ۋە ئۆزىنى قوغـداشـتىكى بـىـر خـىـل فۇنكسىيىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق باكتېرىيە، غەيرىي ماددىلارنى ئۈنۈملۈك تـازىلىغىلى ۋە نەپەس يولىنى پاكىزلاپ ئۇنىڭ راۋانلىقىنى ساقلىغـىـلـى بـولـىـدۇ، بـۇ، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئومۇمەن پايدىلىق. بىراق، بۇلار يەنە باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىقلارنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مـۇمكـىـن. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ئادەم چۈشكـۈرگەنـدە10 −20 مـىـڭ تۈكۈرۈك دانچىسى ئېتىلىپ چىقىدىكەن،80 مىليوندىن ئارتۇق باكتېـرىـيـە سىرتقا چىقىرىلىدىكەن، ئوتتۇرىچە ئېتىـلـىـش مـۇسـاپـىـسـى4 مـېـتـىـرغـا يېتىدىكەن، بەزى تۈكۈرۈك دانچىلىرى ھاۋادا بىرنەچچـە سـائەت لـەيـلەپ تۇرۇپ، ھاۋانىڭ كەڭ كۆلەمدە بۇلغىنىشىنى پەيـدا قـىـلـىـدىـكـەن. مـاڭـقـا ۋە تۈكۈرۈكتىكى باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئادەمنـى چـۆچـۈتـىـدۇ. شـۇڭـا، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك، مىشقىرماسلىق، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئادەمگـە ئۇدۇل يۆتەلمەسلىك ياكى چۈشكۈرمەسلـىـك كـېـرەك. بـۇلاردىـن بـاشـقـا، كۈچەپ مىشقىرماسلىق ياكى بۇرۇننى كولىماسلىق كېرەك. بۇنداق قىـلـىـش مەدەنىيەتسىزلىك بولۇپلا قالماستىن، بۇرۇن تۈكچىلىرى، بۇرۇن شىـلـلـىـق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا يۇقۇملىنىش ياكى ئوتـتـۇرا قۇلاق ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئادەم بەدىنىنى ئاسراش