UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاق قىچا

ئاق قىچا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قىچىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى شاخلىق، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە شالاڭ يىرىك تۈكلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گىرۋەكلىرى پۇرلىشىپ تۇرىدۇ، چوڭقۇر يېرىلغان، تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى چوڭ، سېپى ئۇزۇن، يۇقىرىقى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى كىچىك، سېپى قىسقا بولىدۇ؛ ئومۇم گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق؛ مېۋىسى ئۇزۇن، مۈڭگۈزلۈك مېۋە بولۇپ، سىرتىدا زىچ، قاتتىق تۈكلىرى بولىدۇ؛ ئۇرۇقى شارسىمان، تەمى ئاچچىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزدە ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى قېقىۋېلىپ، تازىلاپ، خام پېتى ياكى قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئىشتىھانى ئېچىش، سوغۇقنى تارقىتىش، بەلغەم يۇمشىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئاق قىچا ئۇرۇقى، زۇلفا ئۇرۇقى ۋە تۇرۇپ ئۇرۇقىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە بەلغەملىك دەم سىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق قىچا ئۇرۇقىدىن 12 گرام، پىششىق ئەگرىسۇنادىن 35 گرام، چاكاندىدىن سەككىز گرام، پۇچىلانغان زەنجىۋىلدىن يەتتە گرام، دارچىندىن سەككىز گرام، سۇ ئارقىلىق ئېرىتىلگەن بۇغا مۈڭگۈز يېلىمىدىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ رەيھان شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يارىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق قىچا ئۇرۇقىدىن 15 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، چىنىنىڭ ئىچىگە سۈركەپ، قورسىقىغا بىر نەچچە قەۋەت قەغەز قويۇپ، قەغەزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ، كىندىكىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە چىنىنى ئىسسىق پېتى كۆمتۈرۈپ، چىنە سوۋۇغاندا ئېلىپ قايناق سۇدا قىزىتىپ يەنە قويۇپ بەرسە، بالىلاردىكى چۇقۇققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق قىچا ئۇرۇقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ھەر ئاخشىمى ئىككى پۇتىنى چىلاپ يۇيۇپ بەرسە، ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاق قىچا | UyghurWiki | UyghurWiki