يالپۇز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يالپۇزغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛، بەزىدە بىر مېتىرغا قەدەر ئۆسىدۇ، مېزىلىك، خۇش پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ؛ غولى تۆت قىرلىق، ئىچى كاۋاك ۋە بوغۇملۇق بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، كەڭ تېمىنىسىمان ياكى سوقىچاق بولۇپ، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ گۈلى كىچىك، كالپۇكسىمان، سۆسۈن ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك بولۇپ، غولىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماق
قولتۇقلىرىدىن ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە چېچەكلەشتىن بۇرۇن يىغىۋېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى ۋە ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدۇ. تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىسسىقنى تارقىتىش، يەل ھەيدەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
يالپۇزدىن تۆت گرام، كەۋرەكتىن ئالتە گرام، جۇلاغدىن يەتتە گرام، ئۈچقاتتىن سەككىز گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆت گرام يالپۇزنى 12 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، سەككىز گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، يەتتە گرام ئېزىلگەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام
پەربۇن، تۆت گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ باشلىنىشىدىكى قىزىپ يۆتىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.