جىنتىيانا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ جىنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، جىنتىياناغا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ چاچما يىلتىزلىرى كۆپ بولۇپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق سېرىق؛ غولى يەككە، تىك، تۈۋرۈكسىمان، رەڭگى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن بولۇپ، ساپسىز، تۇخۇم شەكىلدە، گىرۋىكى تولۇق، ئۈچ تال روشەن
يوپۇرماق تومۇرى بولىدۇ؛ گۈلى ئۇچىدىكى يوپۇرماقنىڭ قولتۇقىدا ئۆسكەن بولۇپ، تار قوڭغۇراقسىمان، رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن؛ توغزا شەكىللىك
مېۋىسى تۇخۇمسىمان، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى يىلتىزىنى يازنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ياكى كۈزدە كولىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى ئېگىز تاغلارنىڭ ئوتلاقلىرى ۋە نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، بەدەننى پارقىرىتىش، ئىششىق ۋە يەللەرنى تارقىتىش، تازىلاش، نېرۋىنى قوزغىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سوغۇقتىن بولغان ئىچكى ئاغرىقلارنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
جىنتىيانادىن سەككىز گرام، كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزەدىن 10 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام، ئوسما يىلتىزىدىن 12 گرام
ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام جىنتىيانانى 10 گرام سەبدىگۈل، 12 گرام خام ئەگرى سۇناي، 10 گرام قالقال بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز
قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىنتىيانا، ئارپىبەدىيان، سىيادانلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىملىق تاماقتىن ئىلگىرى تۆت گرامنى
قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېسىق كېكىرىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىنتىيانا، سەبدىگۈل، ئۈجمە يوپۇرمىقى، ماگنېت تېشى، چىرىلداق قېپىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە
ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش قېيىش ۋە قۇلاق غوڭۇلداشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ.