سېغىنچېچىكى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باھارگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، سېغىنچېچىكىگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 25 سانتىمېتىر كېلىدۇ، يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، سېپى قىسقا، تەتۈر تېمىنە شەكلىدە ياكى ئۇزۇنراق
سوقىچاق تېمىنە شەكلىدە، گىرۋىكى تولۇق ياكى ئۇچىدا بىرقانچە تەرتىپسىز چىشلىرى بولىدۇ؛ توپ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن كۆپ ساندا گۈل
شېخى ئۆسۈپ چىقىدۇ، ھەربىر گۈل شېخىدا 6 ~ 20 تالغىچە كىچىك ئاق گۈللىرى بولىدۇ، گۈللىرى كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى شەكلىدە جايلاشقان،
غوزا مېۋىسى شار شەكلىدە، پىشقاندا بەشكە يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىلىدە يىلتىزى بىلەن قومۇرۇۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ،
ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى ۋە تاغلىق نەم
يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئىسسىق قايتۇرۇش، زەھەر تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سېغىنچېچىكىنى سۇغا چىلاپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
سېغىنچېچىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يىقىلىپ - ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش، باشنىڭ بىر تەرىپى ياكى
پۈتۈن قىسمى ئاغرىش ۋە چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 ~ 35 گرام سېغىنچېچىكىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك گال ئىششىپ ئاغرىش ۋە بادامسىمان بەز
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سېغىنچېچىكىنى سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئىششىق ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ.