تۆگىتاپان
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، تۆگىتاپانغا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 - 30 سانتىمېتىر؛ غولىنىڭ تۈۋى ياغاچلاشقان بولۇپ، يۇقىرى قىسمىدىن كۆپ شاخلىنىدۇ. قىيپاش ئۆسىدۇ؛
يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، گۆشلۈك، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، يېيىلىپ ئاچىماق بولۇپ، يوپۇرماق ئوقىنى ئۇچىغا تىزىلغان؛ گۈلى قىزغۇچ
بېغىر رەڭ بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدىن جۈپ بولۇپ ئۆسۈپ چىقىدۇ. غوزا مېۋىسى تۈۋرۈكسىمان، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈزلەڭلىك، تاغ ئېتىكى،
بىنام ياكى يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 5 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككى گرام تۆگىتاپانغا ئون ئىككى گرام يانتاق شېكىرى، بىر گرام ئادراسمان قوشۇپ قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ
بەرسە، ئىچكى ئەزالار ئاغرىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆگىتاپاننىڭ گۈلىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
تۆگىتاپاننىڭ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
تۆگىتاپاننىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ، بىنەپشە شەربىتىگە قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرۋە، سوزۇلما خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.