قەيسەر گىياسى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سوپۇندەرىخىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
مېۋىسى يېڭى چىققان ئاينىڭ شەكلىدە بولىدۇ؛ تۇرۇپنىڭ غىلاپىغا ئوخشاش غىلاپ ئىچىدە ئۇرۇقلايدۇ، ئۇرۇقى ئۇششاق، قىچا ئۇرۇقىدا بولىدۇ؛
رەڭگى سېرىق ياكى ھاۋا كىلىماتىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ؛ يوپۇرمىقى يۇمىلاق، شاخلىرى ئىنچىكە، يىرىك، قاتتىق، ھەر تەرەپكە يېيىلغان، بەزىلىرى
يەرگە يېيىلغان بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق، ئۇششاق، بەزىسى بىنەپشىگە ئوخشاش، بەزىلىرى ئاق، بەزىلىرىنىڭ يوپۇرمىقى پاقىيوپۇرمىقىغا
ئوخشاشراق، ئەمما پاقىيوپۇرمىقىدىن كىچىكرەك بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى ئايرىپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئىششىق ياندۇرۇش، قۇرۇتۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش،
يۇمشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 9 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، سىركە ۋە گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سوغۇقتىن
بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنى سۇغا چىلاپ سۈيىدە باشنى يۇيۇپ بەرسە، باش قېيىش، باش ئاغرىقى، لەقۋا، پالەچ ۋە پەي
ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنى 15 گرام ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مالىخولىيا ۋە ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قەيسەر گىياسى، بابۇنە، شىبىت ۋە سەئتەرلەرنىڭ ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پەي زەئىپلىكى، لەقۋا،
پالەچ ۋە تال، بالىياتقۇ، ئاشقازان ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنى ھەسەل ۋە ئەنجۇر بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ۋە مەنىي ئازلىق، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنى موزا، ئەدەس، رۇم توپىسى ۋە تۈگمەن توزۇندىسى بىلەن قوشۇپ، بەدەنگە چېپىپ بەرسە، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
قەيسەرگىياسى ئۇرۇقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئىچكى ئەزالاردىكى ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تاياق تەگكەن زەربىنى پەسەيتىدۇ.
قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىشنى پەسەيتىپ، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
قەيسەر گىياسى ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرۇپ ھوردالسا، ئۈچەينى تازىلاپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
قەيسەر گىياسىنىڭ پۈتۈن چۆپىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك ھەيدەپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
قەيسەر گىياسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلسا
ئىششىق تارقىتىدۇ.