UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئالقات

ئالقات

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ياغاچ غوللۇق، ئالقاتقا ئۇرۇقداش، كىچىك چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 1 ~ 2 مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، غولى كۆپ شاخلىنىدۇ، يوپۇرماق قولتۇقىدا قاتتىق تىكەنلىرى بولىدۇ، پوستى ئاقۇچ كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ياكى توپلىشىپ ئۆسكەن، يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق سېپى قىسقا؛ گۈلى كىچىك، سۆسۈن رەڭلىك، قوڭغۇراق شەكىللىك بولىدۇ، قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، مېۋىسى شىرنىلىك، سوقىچاق، كۆپ ئۇرۇقلۇق بولۇپ، پىشقاندا قىزىرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، سېپى ۋە باشقا ئارىلىشىپ قالغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ، ئالدى بىلەن سايىدا قويۇپ، سىرتقى پوستى پۈرلەشكەندىن كېيىن، كۈچلۈك ئاپتاپتا پوستى قۇرۇغانغا قەدەر تۇرغۇزۇپ، ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە يىلتىزى كولىۋېلىنىپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن، پوستىنى يۇقىرى تەرەپتىن پىچاق بىلەن تىلىپ، ياغاچ قىسمىنى چىقىرىۋېتىپ توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز چەتلىرى، يول بويلىرى ۋە ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. پەي، سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش، ئۆپكىنى يۇمشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئۆپكىدىكى ئىسسىقنى تارقىتىش، قاننى سوۋۇتۇش ۋە توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ ئالقات 8 ~ 12 گرام، يىلتىز پوستى 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئالقاتنى قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەل ۋە دۈمبىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى، قەنت سىيىش كېسىلى ۋە ئۆپكە سىلىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام ئالقاتقا سېرىقيۆگەي، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل، لوڭگۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن 02 گرامدىن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، بەل - پۇت ئاغرىش، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالقات، پىششىق ئەگرىسۇنا، سەبدىگۈل قاتارلىقلارنىڭ بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى، باش ئاغرىقى، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام ئالقات يىلتىزى پوستىغا 10 گرام ئۈجمە يىلتزى پوستى، 12 گرام سوغىگۈل، 35 گرام قومۇش يىلتىزى قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالقات يىلتىزىنىڭ ھۆل پوستىنى بوش ئوتقا قاقلاپ سارغايتىپ، ئېزىپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، تۈك خالتىسى ياللۇغى (چىيقان) غا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى