UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئېيىقتاپان

ئېيىقتاپان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئېيىقتاپانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 70 سانتىمېتىر، پۈتۈن تېنى ئاق رەڭلىك ئۇزۇن تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئۇزۇن بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۈچكە چوڭقۇر يېيىلغان، يان يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرى ئىككىگە يېرىلغان، كىچىك يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرىنىڭ گىرۋىكىدە رەتسىز چىشسىمان يېرىقچىلىرى بولىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈچكە يېرىلغان؛ گۈلى سېرىق، شېخىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، ئۇرۇق مېۋىسى يالپاقراق تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، زىچ توپلىشىپ ئۈجمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆستەڭ بويلىرى ۋە تاغ جىلغىلىرى قاتارلىق نەم ئورۇنلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ياللۇغ ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئېيىقتاپان مېۋىسىدىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، 110 ~ 150 گرام قوي جىگىرى بىلەن بىللە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئېيىقتاپاننىڭ ھۆل مېۋىسىنى ئېزىپ، بەزگەك تۇتۇشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى قول بىلەزۈك قىسمىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە (ئەرلەرنىڭ سول، ئاياللارنىڭ ئوڭ قولىغا) تېڭىپ بەرسە، بەزگەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئېيىقتاپاننىڭ پۈتۈن چۆپىدىن 12 گرام، بوزتىكەندىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئېيىقتاپاننىڭ پۈتۈن چۆپىدىن 20 گرام ئېلىپ، قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ، پىشۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل ئېيىقتاپاننى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، يارا، باش تەمرەتكىسى ۋە تەڭگىسىمان تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئېيىقتاپاننىڭ ھۆل چۆپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل يارا، باش تەمرەتكىسى ۋە تەڭگە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئېيىقتاپان | UyghurWiki | UyghurWiki