UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىگاۋزىبان

گاۋزىبان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ بوتا كۆز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گاۋزىبانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن تېنى قاتتىق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ يىلتىزى كونۇس شەكلىدە بولۇپ، قېرىغاندا يېرىم ياغاچلىشىدۇ، پوستى قارامتۇل قوڭۇر، ياش ۋاقتىدا كۈل رەڭ سارغۇچ بولىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇزۇن سوقىچاق ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ. تۈۋىدە ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى ئۇزۇن بولىدۇ؛ غولىدا ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى كىچىك، سېپى بولمايدۇ، يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك بولىدۇ؛ ئومۇم گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن، مېۋىسى قاتتىق مېۋە، تۆت دانە زىچ ئۆسكەن تىكىنى بار. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىيازدا كولىۋېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىق دەريا ۋادىلىرى ۋە چىمەنلىكلەردە ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. قىزىتما قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇش، قان توختىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. گازىباندىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغى، تولغاق، سۈيدۈك يۇقۇملىنىش ۋە ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەش گرام گازىباننى مۇۋاپىق مىقداردىكى گۆش بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. گازىباندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى