UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىدۇپ

دۇپ

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ دۇپ دەرىخى ئائىلىسىدىكى 5 ~ 8 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان، دۇپ دەرىخىگە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يۇمران شاخلىرىدا ئاق، ئۇششاق چىپار چېكىتلىرى بار؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىن، تېرىلەشكەن شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرى چوڭقۇر دولقۇنسىمان بولىدۇ؛ ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرى چىنىگە ئوخشايدۇ، سىرتىدا ناھايىتى رەتلىك تەڭگە يوپۇرماقلىرى بولىدۇ. مېۋىسى قاتتىق، سوقىچاق بولۇپ، پىشقاندىن كېيىن سارغۇچ خورما رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، پارقىراق بولىدۇ. تەمى قېرىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، (بەللوت) ۋە ئومۇمىي ئورىغۇچىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە مېۋىسى پىشقاندىن مېۋىسى ۋە ئورىغۇچىسىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئۈچەينى قورۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 35 گرام دۇپ مېۋىسىنى سۇغا بىر كۈن چىلاپ سۈزۈۋېلىپ، ئېزىلگۈچە قاينىتىپ، ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى ۋە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. دۇپ مېۋىسىنى سۇدا قاينىتىپ ھورى بىلەن ھورلىنىپ، سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۈيۈپ بەرسە، بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە سوڭى چىقىپ قېلىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. دۇپ چىنىسىدىن ئىككى سەر ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاق ۋە ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
دۇپ | UyghurWiki | UyghurWiki