UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىياۋا كۆك پۇرچاق

ياۋا كۆك پۇرچاق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا كۆك پۇرچاققا ئۇرۇقداش، يېيىلىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى يېيىلىپ ئۆسىدۇ، كۆپ شاخلىق، شاخلىرى قىرلىق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى يەتتە - سەككىز جۈپ بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يىپسىمان سوقىچاق شەكىلدە بولىدۇ. ئىككى تەرىپىنى يۇمشاق تۈكچىلەر قاپلىغان، يوپۇرماق ئوقىنىڭ ئۇچى تەرىپىدە كۆپ شاخلىق يىپچىسى (ساقىلى) بولىدۇ؛ ئومۇم گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كۆپ، شەكلى كېپىنەكسىمان، كۆك سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يۇلۇۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىق، دەريا ۋادىلىرىدىكى نەم چىمەنلىك ۋە ئورمان ئارىسىدىكى چىمەنلىكلەردە ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 12 گرام ياۋا كۆك پۇرچاقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ۋە بوغۇم ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆك پۇرچاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ يۇيۇپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ۋە بوغۇم ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام ياۋا كۆك پۇرچاقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇپ يارىلىنىش ۋە ئاغرىق ئورۇن ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 25 گرام ياۋا كۆك پۇرچاقنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ، يىقىلىپ يارىلىنىش ۋە ئاغرىق ئورۇن ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ياۋا كۆك پۇرچاق، ئەمەن يوپۇرمىقى ۋە كەۋرەكلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئۇرۇقدان خالتىسىدىكى ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 10 گرام ياۋا كۆك پۇرچاقنى سۇدا قاينىتپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئۇرۇقدان خالتىسىدىكى ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ياۋا كۆك پۇرچاق | UyghurWiki | UyghurWiki