UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىياۋا كۈنجۈت

ياۋا كۈنجۈت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا كۈنجۈتكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بار، يوپۇرمىقى بۆرەك شەكلىدە، ئۇچى قۇيرۇقسىمان ئۇچلۇق، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ گۈلى ئاق، كالپۇك شەكلىدە بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئايلانما ئۆسىدۇ، نەيسىمان كاسسىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا بەش ئۇزۇن چىشى بولىدۇ، كىچىك قاتتىق مېۋىسى ئۇزۇنراق يۇمىلاق، ئۈچ قىرلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى يەتتىنچى، سەككىزىنچى ئايلاردا گۈلى تازا ئېچىلغاندا ئاۋۋال گۈلىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئاندىن چۆپىنى ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ جىلغىسى، يول ۋە ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، يۆتەلنى پەسەيتىش، قان توختىتىش، ئۆپكىنى تازىلاش، قىزىتما ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ ياۋا كۈنجۈت 35 ~ 70 گرام، گۈلى 21 ~ 20 گرام ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ. ياۋا كۈنجۈتتىن 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش ۋە بالىلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ياۋا كۈنجۈت گۈلىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ياۋا كۈنجۈت گۈلىنى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قاننى جانلاندۇرۇپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ياۋا كۈنجۈت | UyghurWiki | UyghurWiki