چۈلۈك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چۈلۈك ئائىلىسىدىكى، چۈلۈككە ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، سېسىق پۇرايدۇ؛ گۈلى يېشىل ئارىلاش ئاق كېلىدۇ؛ مېۋىسى قاناتلىق، ياغىچى يۇمشاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنىڭ پوستى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز پوستىنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ياكى پۇتاش ۋاقتىدا كولىۋېلىپ، قېلىن پوستىنى سويۇۋېتىپ، قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، خام ياكى سارغايتىپ قورۇپ؛ مېۋىسىنى كۈزدە پىشقاندا ئۈزۈۋېلىپ، سېپىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئىسسىق ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، تولغاق، قان ۋە خۇننى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ چۇلۇك يىلتىز پوستى 6 ~ 20 گرام، چۇلۇك مېۋىسى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چۇلۇك يىلتىز پوستى ۋە كۆك سېغىزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن قايناق سۇ بىلەن
ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن قىزىرىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام چۈلۈك يىلتىز پوستىنى 12 گرام قىزىل چۇغلۇق، سەككىز گرام تېرىق بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن قىزىرىپ
كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چۇلۇك مېۋىسىنى چالا پىشۇرۇپ، تالقانلاپ، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامنى گۈرۈچ سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناش ۋە قان تولغاققا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام چۇلۇك يىلتىز پوستىنى 20 گرام توشقانئوتنىڭ كۆمۈرى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناش ۋە قان تولغاققا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام چۈلۈك يىلتىز پوستىنى 20 گرام چىگىت بىلەن سوقۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.