ئاق قېيىن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قېيىن دەرەخ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، قارىغايغا ئۇرۇقداش بىرخىل دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى بىرقانچە قەۋەت نېپىز قوۋزاقتىن تەركىب تاپقان، رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، ئاسان سويۇلىدۇ، ئىچ قوۋزىقى توق سېرىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، كۆپىنچە ئىككى يوپۇرماق بىر ئورۇندىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرىدە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان ھەرە چىشلىرى بار؛ گۈل رېتى باشاقسىمان بولۇپ، قولتۇقىدىن ياكى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، مېۋە باشىقى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، قاناتلىق، ئۇششاق، قاتتىق مېۋىلىرى قەۋەتلىشىپ تىزىلغان، قوڭۇر سېرىق رەڭدە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقى ۋە بىخى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كەسكەن چاغلاردا قوۋزىقىنى سويۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يېڭى بىخلىغاندا بىخىنى كېسىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىق ئورمانلىقى، ئېدىرلار ۋە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاق قېيىن قوۋزىقىدىن 12 گرام، چىلان دەرەخ قوۋزىقىدىن 35 گرام ئېلىپ ئايرىم - ئايرىم قارايغىچە قورۇپ، ئاندىن ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 4 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەتىياز پەسلىدە ئاق قېيىن قوۋزىقىنى سويغان چاغدا ئېقىپ چىققان سۇيۇقلۇقىنى (شىرنىسىنى) كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق قېيىن قوۋزىقىنى قارايغىچە قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامنى رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.