ياتما قوتۇرئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ بوتا كۆز ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قوتۇرئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
غولى يىپقا ئوخشاش ئىنچىكە، يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، شالاڭ ئۇششاق تىكەنلىك تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سوقىچاق
ياكى ئۇزۇنراق تۇخۇم شەكلىدە كېلىدۇ، تۈۋى قىسمى تەدرىجىي تارىيىپ ساپاققا ئايلىنىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ ئالدى - كەينى ۋە گىرۋىكىدە ئۇششاق
تىكەنلىك تۈكچىلىرى بار؛ گۈلى ئۇششاق، كۆك ۋە ئاق بولۇپ، كۆپىنچە يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، سېپى قىسقا، كاسسا يوپۇرماقچىلىرى
يىغىلىۋالغان بولۇپ، مېۋىلىگەندە چوڭىيىدۇ، شەكلى خۇددى تومۇر تىكەنگە ئوخشايدۇ، تۆت تال ئۇششاق قاتتىق مېۋىسى بولۇپ، كاسسا
يوپۇرماقچىلىرى ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئۇششاق توغراپ
ياكى باغلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يول بويلىرى، ئوچۇق
دالىلار ۋە پەس تاغ باغرىلىرىدىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەت پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 20 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياتما قوتۇرئوتتىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام قىزىتمىسى، يۆتەل ۋە كۆكرەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ياتما قوتۇرئوتنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياتما قوتۇرئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى چۈشۈرىدۇ.