UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقۇلماق

قۇلماق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قۇلماققا ئۇرۇقداش، پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە ئىلمەك تىكىنى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق تېنى تۇخۇم شەكلىدە، ئۈچكە يېرىلغان ياكى يېرىلمىغان، ھەرە چىشىسىمان گىرۋەكلىك؛ گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسكەن، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى باشقا - باشقا تۈپلەردە بولىدۇ. ئاتىلىق گۈلى كىچىكرەك، سارغۇچ يېشىل بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئانىلىق گۈل رېتى باشاقسىمان، سىرتىدا كۆپلىگەن يوپۇرماقسىمان ئورىغۇچى ياپراقلىرى بولۇپ، پىشقان ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا سېرىق گۈل چېڭى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئانىلىق گۈل رېتى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز ۋە كۈز پەسلىدە تولۇق چېچەكلىگەندە ئانىلىق گۈل رېتىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 4 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. قۇلماقنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇلماقنى مۇۋاپىق مىقداردا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىششىق ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇلماقنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى