يۆگىمەچ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ يۆگىمەچ گۈللەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق يۆگىشىپ ئۆسىدىغان، ئېتىزلىق يۆگەيگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۆپىنچە تۈۋىدىن شاخلايدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، شەكلى ئۇزۇنچاق ئوقياسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك، ئۇچى دىقماق بولۇپ، تۈۋى قۇلاققا ئوخشايدۇ. گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس قىزىل، ئاقۇش، شەكلى كانايسىمان، غوزا مېۋىسى شار شەكىللىك بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە گۈلى ۋە چۆپىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قان توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتلىدۇ.
يۆگىمەچنىڭ گۈلىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىچكى - سىرتقى بوۋاسىرنىڭ قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۆگىمەچنىڭ قۇرۇتۇلغان گۈلىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ھەرخىل زەخىملەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
يۆگىمەچنىڭ قۇرۇتۇلغان چۆپىنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.