UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكىچىك قەنتەرىيۇن

كىچىك قەنتەرىيۇن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ چىنىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، توختاپ قالغان سۇلارنىڭ ئەتراپلىرىدا ۋە سايلىقلاردا ئۈنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىرغىچە، تاغ يالپۇزىغا ئوخشايدۇ. شاخلىرى ۋە تەنلىرى بىر - بىرىدىن ئايرىلاڭغۇ، شاخلىرى كۆپ، يوپۇرمىقى سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى قىزىل بىنەپشىگە مايىل. ئۇنىڭدىن كىچىكرەك، مېۋىسى بۇغدايغا ئوخشايدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇننىڭ ھەممە قىسىملىرىنىڭ تەمى ئاچچىق، بىر ئاز ئېغىزنى قورۇيدۇ. يىلتىزى كىچىك بولۇپ، ئادەتتە يىلتىزىنىڭ مەنپەئىتى كۆرۈنەرلىك بولمىغاچقا يىلتىزىدىن باشقا ئەزالىرى ئىشلىتىلىدۇ. قەنتەرىيۇن سەغىرنىڭ ھۆلى بىر ئاز خۇشبۇي، شاخلىرى ئاق سېرىققا مايىل، قۇۋۋىتى 10 يىلغىچە تۇرىدىغان بولۇپ، باھار پەسلىدە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىندۇر. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق نەرسىلەرنى سۈرۈش ۋە تازىلاش، بوغۇملاردىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ ئۈچ گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇندىن سەككىز گرامنى 280 گرام سۇدا سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، ئېزىپ ئاندىن سۈزۈپ، شېكەر ۋە شۇنىڭدەك باشقا تاتلىق نەرسىلەر بىلەن ئىچىپ بەرسە، تۇتقاقلىق، دەم سىقىلىش ۋە چوڭ بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇننى مائۇل ئۇسۇل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەل ئاغرىقى، سۆڭگەچ ئاغرىقى، چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇننىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى بەدەن كۆيمىگۈدەك ھالدا بىر غېرىچ ئېگىزلىكتىن گەدەنگە قۇيۇپ كەتسە، گەدەن ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇندىن 15 گرامنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ ھەمەل قىلىپ بەرسە، سۆڭگەچ ئاغرىقى، بەل ئاغرىقى ۋە قۇلۇنجى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كچىك قەنتەرىيۇننىڭ ھۆلىنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پۈتمەس جاراھەت، ناسۇر قاتارلىق جاراھەتلەرنىڭ ھۆللۈكىنى يوقىتىپ، ئېغىزىنى پۈتتۈرىدۇ ۋە قاتتىق ئىششىقلارنى يۇمشىتىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇننىڭ قۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ ھۆللۈكلەرنى قۇرىتىدىغان مەلھەملەر بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چوڭقۇر يىرىڭلىق جاراھەتلەرنى قۇرۇتۇپ ساقايتىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇننى چاۋا ياغ بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرنىڭ ئېغىز ئېلىپ، يىرىڭداپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۈتتۈرىدۇ ۋە ئىششىقلىرىنى تارقىتىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇننى ئاق ماش ئۇنى بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پەيلەر ۋە چوڭ بوغۇملارنىڭ ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ. كىچىك قەنتەرىيۇننىڭ گۈلىنى ئىچىپ ياكى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىلان ۋە چاياننىڭ زەھىرىنى پەسەيتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كىچىك قەنتەرىيۇن | UyghurWiki | UyghurWiki