پىننە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق،
پىننىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، خۇشبۇي پۇراقلىق، غولى تۆت قىرلىق؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل
ئۆسكەن، تۇخۇم شەكلىدە، گىرۋەكلىرى چىشلىق بولىدۇ، ساپىقى بار؛ ئايلانما كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى توپلىشىپ ئۇچىدا ئۆسۈپ، ئومۇم گۈل
رېتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ گۈلى كىچىك، سۇس سۆسۈن رەڭلىك، كالپۇك شەكلىدە بولۇپ، قاتتىق مېۋىسى تەتۈر تۇخۇمسىمان ئۈچ قىرلىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى گۈلى ئېچىلغاندا ئورۇۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زەي سۈيىنى چىقىرىۋېتىش ئوڭاي بولغان قۇملۇق يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
بەدەننى قىزىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، سوغۇق ماددىلارنى تارقىتىش، كاناي ۋە كۆكرەكتىكى ھۆللۈكنى تازىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
پىننىدىن 12 گرام، ياۋا رەيھاندىن 10 گرام، يالپۇزدىن سەككىز گرام، نوقۇتتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق
ئۆتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام پىننىنى 12 گرام زۇلفا، سەككىز گرام بەيجىژ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ياز كۈنلىرىدىكى زۇكام ۋە باش ئاغرىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىننىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ئاشقازان ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام پىننىنى 16 گرام رەۋەن، 12 گرام تۆمۈر سۇلفات، 15 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل بىلەن بىللە يارما قىلىپ، بىر كىلوگرامئاچچىقسۇغا ئۈچ كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت دورا سۈيىگە ئاغرىق جاينى چىلاپ بەرسە، پۈت - قول تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.