قىزىلگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، دولانىگە ئۇرۇقداش چاتقال
بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.1 ~ 2 مېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، كۆپ شاخلىنىدۇ. شاخلىرىدا ئۈچ قىرلىق ياپىلاق تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇششاق يوپۇرماقلىرى بەش ~ يەتتە تال، سوقىچاق، گىرۋەكلىرى ھەرە
چىشسىمان بولىدۇ. قوشۇمچە يوپۇرمىقى ئىككى تال بولۇپ، بۇنىڭ تېگى يوپۇرماق سېپى بىلەن بىللە ئۆسىدۇ؛ گۈلى يالغۇز ياكى توپلىشىپ
ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى بەش تال، شەكلى تېمىنىسىمان، گۈل تېگى چەينەكسىمان ياكى يۇمىلاقراق، گۈلى بېغىر رەڭ ياكى ئاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ۋە گۈل غۇنچىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلاي دېگەندە گۈلى ۋە گۈل غۇنچىسىنى
ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
كۆڭۈلنى ئېچىش، رەئىس ئەزالار، ئومۇمىي بەدەن، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ
سۈرۈشنى توختىتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەككىز گرام قىزىلگۈلنى 12 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئاشقازان نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە سوزۇلما ئاشقازان
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىلگۈلنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمال بولماسلىق ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر كىلوگرام ھۆل قىزىلگۈلنى تۆت كىلوگرام شېكەر بىلەن شېكەرنى ئۆزىگە ئالغۇچە ئارىلاشتۇرۇپ، ئەينەك قاچا ياكى سىرلىق تۆمۈر قاچىغا
قاچىلاپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ، ئاپتاپتا 40 كۈن تۇرغۇزۇپ گۈلقەنت ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر
قېتىمدا 10 ~ 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان، نېرۋا كېسەللىكلىرى، مۇپاسىل، پالەچ، سىل كېسەللىكى، ئومۇمىي بەدەن
ئاجىزلىقى ۋە بەدەندىكى ھەرخىل يۆتكىلىپ ئاغرىيدىغان يەل كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلگۈل سېرىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
ھۆل قىزىلگۈلنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى پېشانىگە سۈرۈپ قويسا، باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
ھۆل قىزىلگۈلنى ئېزىپ بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، بەدەننىڭ بەدبۇيلۇقىنى يوقىتىدۇ.
قىزىلگۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، سىرتقى زەخىملەردىن بولغان يارىلارغا سېپىپ بەرسە، يارىلارنىڭ سۈيىنى قۇرۇتىدۇ.
قىزىلگۈل گۈلىدىن چىقىرىلغان ياغدا يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ.