قارا ئەندىز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قارا ئەندىزگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 150 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، شەكلى كونۇسسىمان ياكى رەتسىز تۈگۈنەكسىمان بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ، غولى تىك ۋە ئۇزۇنىسىغا قىرلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى چوڭراق، شەكلى ئۇزۇن سوقىچاق، سېپى بولىدۇ. غولىدىن چىققان يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى ئۇزۇن سوقىچاق، ئۇچى ئۇچلۇق بولىدۇ، تۈۋىدە قۇلىقى بولۇپ، غولىنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ، گىرۋىكىدە رەتسىز ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ رەڭگى
سېرىق، مېۋىسى ئورۇق، تاجىسىمان تۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار، كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، كېرەكسىز غولىنى
چىقىرىۋېتىپ، تازىلاپ نەملەپ، يالپاقلاپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى، ئېتىز - ئېرىق بويلىرى ۋە دەريا ۋادىلىرىدىكى نەم يەرلەردە، بولۇپمۇ ئالتاي، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش، ھامىلىنى ئاسراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ، 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام قارا ئەندىزنى 12 گرام پىننە، 10 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى
ۋە قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارا ئەندىزدىن 15 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام قارا ئەندىزنى 12 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرام تالقاننى
قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قوۋۇرغا ئارىلىقلىرىدىكى نېرۋىلارنىڭ ئاغرىقى ۋە سانجىق تۇرۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.