UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئىتياڭىقى

ئىتياڭىقى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئىتياڭىقىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 - 130 سانتىېمتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۈۋى ياغاچلاشقان، ئۈستۈنكى قىسمى ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىدۇ؛ ئاددىي يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، گىرۋىكى رەتسىز دولقۇنسىمان چىشلىق بولىدۇ؛ گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ياكى شاخچىنىڭ بۆلۈنگەن ئورنىدىن ئايرىم ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى كانايسىمان، گۈل تاجىسى سۇناي شەكلىدە، رەڭگى ئاق، غوزا مېۋىسى يۇمىلاق كېلىدۇ، قىسقا، قاتتىق تىكەنلىرى بولىدۇ، پىشقاندا يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى قارا بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، يوپۇرمىقى تولۇق يېتىلگەندە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز ئەتراپى ۋە چىمەنلىكلەردە ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. مەست قىلىش، ئاغرىق توختىتىش، يۆتەل ۋە دەم سىقىشنى پەسەيتىش، رېماتىزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 5.0 ~ 1 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 5.0 گرام ئىتياڭىقى گۈلىنى ئۇششاق توغراپ، تاماكىغا ئوراپ چېكىپ بەرسە، زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ئىتياڭىقى گۈلىنى 50 گرام كۇشتە قىلىنغان گەج، 7 گرام دانىكار، 5 گرام چۈچۈكبۇيا، 65 گرام قالقانگۈل بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.0 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زىققە ۋە زىققىنىڭ قاتتىق قوزغىلىشىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 ئىتياڭىقى گۈلىنى 500 ھاراققا 10 كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بەل - پۇت ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىتياڭىقى گۈلى ياكى يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، رېماتىزىملىق بەل - پۇت ئاغرىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر گرام ئىتياڭىقى يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقى ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىتياڭىقى يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ، ئىچىپ بەرسە، نېرۋا خاراكتېرلىك باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش ۋە ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئىتياڭىقى | UyghurWiki | UyghurWiki