UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتوشقانكالپۇك

توشقانكالپۇك

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، توشقانكالپۇكقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 - 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يالغۇز ئۆسىدۇ. تۈۋىدىن شاخلىنىدۇ، رەڭگى بېغىر رەڭ سېرىق، سەل ياغاچلاشقان؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، ئۈچ قۇلاقلىق پەيسىمان يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرى ئاچىسىمان تېيىز يېرىلىدۇ. سېپى يوق، تۈۋىدە تىكەنلىرى بولىدۇ؛ گۈل رېتى ئايلانما كۈنلۈكسىمان، گۈلى كالپۇكسىمان، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن، گۈل كاسسىسى كەڭ قوڭغۇراقسىمان، روشەن بولۇپ، تۆۋەن قىسمى زىچ يۇمشاق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان، يۇقىرى قىسمى سىلىق كېلىدۇ، مېۋىسى كىچىك قاتتىق ئۈچ بۇرجەكلىك بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك دەسلەپكى چېچەكلىگەندە، يەر ئۈستىدىكى قىسمىنى كېسىۋېلىپ، پارچىلاپ سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى قۇرۇق تاغ باغرىلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. توشقانكالپۇك، چاققاق يوپۇرمىقى ۋە غاز ئوتىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردىن ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل قاناشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. توشقانكالپۇكنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل توشقانكالپۇكىنى چالا ئېزىپ سىرتتىن زەخىملەنگەن ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قېنىنى توختىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
توشقانكالپۇك | UyghurWiki | UyghurWiki