سۇ قامچىئوتى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، سۇ قامچىئوتقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئاچچىق لازىغا ئوخشاش تەمى بار؛ غولى بېغىررەڭ ياكى قىزىل، بوغۇمى توم؛
يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق يۈزىدە دائىم قارا داغلار بولىدۇ. قوشۇمچە يوپۇرمىقى
پەردىلەشكەن؛ باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، شالاڭ ئورۇنلاشقان، رەڭگى قىزىل بولۇپ، ئۇرۇق مېۋىسى ئۈچ
بۇرجەك ياكى ئىككى تەرىپى ئۇچلانغان بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپىنى ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلغاندا يىغىۋېلىپ،
كېسىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرى، كۆل بويلىرى ۋە سازلىققا ئوخشاش نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ياللۇغ ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، قىچىشىشنى بېسىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ سۇ قامچىئوتىدىن 8 ~ 16 گرام، سۇ قامچىئوت ئۇرۇقىدىن 4 ~ 8
گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سۇ قامچىئوتى ۋە سېمىز ئوتتىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇ قامچىئوتىدىن 12 گرام، ئارپا ئۈندۈرمىسىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە،
بالىلاردىكى ھەزىم بۇزۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇ قامچىئوتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئاش تۇزىدىن بىر ئاز قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، يەلتاشما ۋە ھۆل
تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.