قىچا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تاغ قىچىسىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، رەڭگى يېشىل ياكى سۆسۈن، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرمىقىدا سېپى بولىدۇ، گىرۋىكىدە يېرىقچىلىرى بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن سوقىچاق ياكى تىمىنە شەكىللىك. گۈلى سېرىق، ئومۇم گۈل رېتىدە، مېۋىسى قىسقا، مۈڭگۈزلۈك مېۋە، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئاشقازان، جىگەر ۋە مېڭىنى كۈچلەندۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 2 ~ 3 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە
بولغانلارغا 3 ~ 4 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 6 گرام، 15 ياشتىن چوڭلارغا 6 ~ 9 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قىچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دىماغنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، سوغۇقتىن بولغان نەزلىلەرنى
پەسەيتىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ، باشنى چۈشۈرتۈپ باشقا چېپىپ بەرسە، سەرسام (مېڭە پەردىسىنىڭ ئىششىقىنى) ۋە سوغۇقتىن بولغان زۇكام
ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، سوغۇقتىن زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ سۇيۇلدۇرۇپ، بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتقان كىشىنى چۈشكۈرتۈپ ھوشىغا كەلتۈرىدۇ.
قىچىنى سۇدا قاينىتىپ قۇلاقنى ھوردىتىپ بەرسە، قۇلاقنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
قىچىنى سۇ ۋە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىپ، كىرپىكلەرنى يۇمشىتىدۇ.
قىچىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى بىر ئاز ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا تارتىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنىڭ يېڭى ھۆل ئۇرۇقىنى ئېزىپ، سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى شېشىگە ئېلىپ قويۇپ قۇرۇتۇپ كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆز
كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ، پىلتىكۈچ ئېتىپ قۇلاققا سېلىپ بەرسە، قۇلاقنىڭ ئاغرىقى ۋە غوڭۇلدىشىنى يوقىتىدۇ.
قىچىنى يۇمشاق ئېزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن غار - غار قىلىپ بەرسە، تىلنىڭ تېگىدىكى ئىششىق، تىلنىڭ ئېغىرلىقى، چىش ئاغرىقى،
گالنىڭ يىرىكلىكى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى يۇمشاق ئېزىپ سۇيۇلدۇرۇپ، داكىغا ئوراپ زەخىملەنگەن ئورۇنغا قۇيۇپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئىچىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى يالپۇز ۋە شاراب بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چىقىرىدۇ.
قىچىنى يارما قىلىپ سۇدا پىشۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، تۈرلۈك تۇتقاقلىق تەپلەرنى يوقىتىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ سىركە بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق قوتۇر كېسەللىكى ۋە سوزۇلما قۇبا كېسەللىكىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
قىچىنى سىركەنجىۋىل ۋە كاللەكبەسەي بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، خانازىر كېسەللىكىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىچىنى ئېزىپ ياغ بىلەن جىنسىي ئەزاغا چېپىپ بەرسە، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدۇ.
قىچىنىڭ ئۇرۇقىدىن بىر گرامنى شاراب بىلەن ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، كۆڭۈلنى ئاچىدۇ.
قىچىنى نان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى شاراب بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چىقىرىدۇ.