شاتۇت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، شاتۇتقا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى كىچىكرەك، سەل - پەل قارىراق، قالغان يېرى ئۈجمىگە ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چۈچۈمەل مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشىپ ۋايىغا يەتكەندە ئۈزۈۋېلىپ، قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سەپرانى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
شاتۇتنىڭ پىشقان مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش ۋە ئىشتىھاسىزلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاتۇتنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى غار - غار قىلىپ بەرسە، بادامسىمان بەز ياللۇغى ۋە ئېغىزغا چىققان ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
شاتۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، ئىچ سۈرۈش، ئىشتىھاسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.