UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىرەۋەن

رەۋەن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، رەۋەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم ۋە چوڭ، سىرتى قارامتۇل جىگەر رەڭدە، ئىچى سېرىق، غولى يالغۇز تىك ئۆسكەن بولۇپ، ئېرىقچىسىمان يوللىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن چىققان يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، سېپى ئۇزۇن بولىدۇ. غولىدىن چىققان يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، كىچىكرەك، شەكلى دۈگىلەك، گىرۋىكىدە ئۇششاق كەمتۈكلەر بولىدۇ. قوشۇمچە يوپۇرمىقى جىگەر رەڭدە، سىرتى پەردىلەشكەن بولۇپ، غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇسسىمان ئۇچىدا ئۆسىدۇ، دۈگىلەك شەكىللىك، مېۋىسى قاناتلىق، گىرۋىكى جىگەر رەڭ، ئۇرۇقى ئۈچ قىرلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كەچ كۈزدە يەر ئۈستى قىسمى قۇرۇغاندىن كېيىن كولىۋېلىنىپ، يىرىك قوۋزىقىنى قىرىۋېتىپ، تولۇق نەمدەپ، نېپىز كېسىپ قۇرۇتۇپ، خام ياكى قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ جىلغىلىرى، تاغ باغرىلىرى، ئورمان بويلىرى قاتارلىق سايە، نەم جايلاردا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۇيۇپ قالغان قانلارنى تارقىتىش، غەلۋىرەكنى ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. رەۋەندىن 15 گرام، مودەن يىلتىزى پوستىدىن 12 گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 16 گرام، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 20 گرام، كىرەشتىن 12 گرام، ئاق چۇغلۇقتىن 12 گرام، مامكاپتىن 20 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، شور سۈيى بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام رەۋەننى، 12 گرام زىرىق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. رەۋەندىن 15 گرام، مامرانچىندىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش ۋە كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خام رەۋەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى ياكى كۇنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ھەرخىل كۆيۈكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. رەۋەن ۋە خام توشقانئوتىنىڭ ھەر بىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، سۇ مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، قايناق سۇدا كۆيگەن كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى رەۋەننى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغى ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
رەۋەن | UyghurWiki | UyghurWiki