چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
جىنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، جىنتىياناغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 60 سانتىمېتىر بولۇپ، ئاساسىي يىلتىزى توم ۋە چوڭ، رەڭگى جىگەررەڭ سېرىق، دائىم بىرقانچە يىلتىزى يۆگىشىپ،
كونۇسسىمان شەكىلگە كىرىدۇ. غولى تىك، تۈكسىز، سىلىق، تۈۋىدە يوپۇرماق ساپىقىنىڭ يىپسىمان قالدۇقلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن
يوپۇرمىقى چوڭ، ئادەتتە 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بەش تال ئوچۇق بولغان يوپۇرماق تومۇرى بولىدۇ. غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل
ئۆسىدۇ، كىچىكرەك، يوپۇرماق تۈۋى بىرلەشكەن بولىدۇ؛ گۈلى چاقپېلەكسىمان بولۇپ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى قولتۇقىدىن توپلىشىپ ئۆسۈپ چىقىدۇ، گۈل كاسسىسى پەردىسىمان، ئۇچىدا ئۈچتىن بەشكىچە ئوخشاش بولمىغان ئۇزۇنلۇقتىكى قىسقا چىشلىرى بار، گۈل تاجىسى نەيسىمان، رەڭگى توق كۆكۈش سۆسۈن رەڭدە. ئورۇق مېۋىسى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىلدە، ئۇرۇقى سوقىچاق، قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، پارقىراپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىز ۋە غولىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەمدەپ، نېپىز كېسىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى نەم ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
قىزىتما قايتۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھۆللۈكنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، تىنچلاندۇرۇش، سېرىقلىقنى ياندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، پەيلەرنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ، 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانانى 35 گرام قاقىرا تۇمشۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، ئۈجمە شېخى، خېنە، كەۋرەك، ئەمەن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك
ئورۇننى ھوردىتىپ يۇيۇپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، شاتارى، ئالقات يىلتىز پوستى، كۆك ئەمەن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىكى تۆۋەن قىزىتما ۋە سوغۇق تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.