UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىگۈلسامساق

گۈلسامساق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستىدىكى تەڭگىسىمان غولى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئەتلىك، سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، يەر ئۈستى غولى بىر تال بولۇپ، تىك، سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياش مايسا ۋاقتىدا، ئايلانمىراق ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈلى ئۇچىدا ياكى يوپۇرماقلىرىنىڭ قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس جىگەررەڭ، گۈل تاجى ياپراقچىسى ئارقىسىغا قايرىلىپ تۇرىدۇ؛ مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنىغا ئالتە تال قىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىچە غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يەر ئۈستىدىكى قىسمى سولىشىشقا باشلىغاندا كولىۋېلىپ، سىرتىنى ئاقلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ياكى تەڭگچە غولىنىڭ تۈۋىنى ئازراق كېسىۋېتىپ، تەڭگىچە پارچىلىرىنى ئاجرىتىپ، قايناق سۇغا ئاق رەڭگى تۈگىگەنگە قەدەر بېسىپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن، خام پېتى ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقلىرى، چۆپلىك ۋە نەم، سايە يەرلەردە ئۆسىدۇ (تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ). قۇرۇق ئىسسىق. ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. گۈلسامساق ۋە چىلاننىڭ ھەربىرىدىن بىر تالدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلسامساقتىن 20 گرام، تەڭگىيوپۇرماقتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى، يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە ئاۋاز پۈتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام گۈلسامساقنى 15 گرام سۆئلەپ، 61 گرام خام ئەگرىسۇنا، 12 گرام غاز ئوتى، 10 گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كانايچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلسامساقتىن 20 گرام، 18 گرام ئارچا مېغىزى، 12 گرام كەرمان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
گۈلسامساق | UyghurWiki | UyghurWiki