UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىيېپىشقاقئوت

يېپىشقاقئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەڭلىكئوت ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، يېپىشقاقئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، ئۇچى تەرىپى كۆپ شاخلىنىدۇ. پۈتۈن تېنى زىچ ئاقۇچ كۈل رەڭ قاتتىق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تېمىنەسىمان ياكى يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ. ئومۇمىي گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى كىچىك، رەڭگى سۇس ھاۋا رەڭ، مېۋىسى كىچىك، قاتتىق، شەكلى ياپىلاق ئۈچ قىرلىق كېلىدۇ، گىرۋىكىدە ئىككى تال ئىلمەك تىكىنى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزدە ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى قېقىۋېلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق، تاغ باغرى، يول ياقىسى ۋە كۈنگەي، قورغاق يەرلەردە ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. مەددە چۈشۈرۈش، قىچىشىشنى بېسىش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 20 گرام يېپىشقاقئوتنى 100 گرام سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدىن 40 گرام قالغۇچە قويۇلدۇرۇپ، ھەر كۈنى ئاخشىمى 10 گرامدىن مەقئەت يولىغا قۇيۇپ بەرسە، تۈتۈ قۇرتنى چۈشۈرىدۇ. 12 گرام يېپىشقاقئوتقا سەككىز گرام زەمچە قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، جىنسىي يول ۋە مەقئەت قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى يېپىشقاق ئوتنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بەدەن قىچىشىش، مەقئەت قىچىشىش، جىنسىي ئەزا قىچىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى