UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتاشچېچىكى

تاشچېچىكى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ چىنىگۈل ئائىلىسىدىكى، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش بىرخىل قورام تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېپىشىپ ئۆسىدىغان، يالغان يىلتىزلىق، شەكلى پلاستىنكىغا ئوخشاش، ئۈستىدە ئېگىز - پەس قالايمىقان پۈرمە قورۇقلىرى بار ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۈستى تەرىپىنىڭ رەڭگى كۈل رەڭ يېشىل، ئاستى تەرىپىنىڭ رەڭگى قارامتۇلراق، كەسمە يۈزى ئاق رەڭدە بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى قورام تاشلار ئارىسىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. قاننى جانلاندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، مەنىي كۆپەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، پەينى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تاشچېچىكىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، رېماتىزم خاراكتېرلىك بەل، پۇت ئاغىرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاشچېچىكىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئەرلىك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاشچېچىكىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا نەملەپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق ۋە مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى