UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىياۋا سامساق

ياۋا سامساق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پىيازغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 70 سانتىمېتىر كېلىدۇ، يەر ئاستى تەڭگىسىمان غولىنىڭ شەكلى شارسىمان، رەڭگى ئاق، چاچما يىلتىزلىق؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى يىپ شەكلىدە، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى ئىككى ~ ئۈچ تال بولىدۇ، تۈۋى غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ گۈل شېخى توپ يوپۇرماقلار ئارىسىدىن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، يەككە، تىك ئۆسىدۇ، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى شار شەكلىدە ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈللىرى كىچىك، زىچ ۋە كۆپ بولىدۇ، بېغىر رەڭ ياكى ئاچ سۆسۈن. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىرى كولىۋېلىپ تازىلاپ، كۆتىكى ۋە ئۇچىنى ئېلىۋېتىپ تولۇق پىشقۇچە سۇدا قاينىتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرى ۋە ئوت - چۆپ ئارىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. قۇستۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، تىنچلاندۇرۇش، يەل ھەيدەش، كۆڭۈلنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 12 گرام ياۋاسامساقنى 12 گرام ئاچچىقتاۋۇز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك ئاغرىقى، ئىچى تىتىلداش ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ياۋا سامساق ۋە زىرىقتىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ياۋا سامساقنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قورساق پەردىسى ۋە بالىياتقۇ سۇلۇق ئىششىقى، تال توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى