UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچوڭ يوپۇرماقلىق لويلا

چوڭ يوپۇرماقلىق لويلا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، لويلىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 5.0 - 1 مېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، كۆپ شاخلىق، قىرلىق، سىلىق بولۇپ، تۈكچىلىرى يوق؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، نىسبەتەن چوڭراق، سېپى ئۇزۇن، نېپىز، ئىككى يۈزى سىلىق، رەڭگى يېشىل، گىرۋىكىدە رەتسىز كەمتۈكى بولغانلىقتىن، كۆپ بۇرجەكلىك كۆرۈنىدۇ؛ گۈل رېتى كۇنۇسسىمان، گۈلى يېشىل، ئۈستىدە ئاق چاڭلىرى بولىدۇ. مېۋىسى ئۇششاق، ياپىلاقراق دۈگىلەك بولۇپ، ئۈستىدە تورسىمان سىزىقلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى گۈلى ئېچىلغاندا ئورۇۋېلىپ، كەسلەپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىق، ئوتلاق، ئېتىز بويلىرى ۋە كۆكتاتلىقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ئىسسىقنى تازىلاش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 4 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چوڭ يوپۇرماقلىق لويلىنى تۆت گرام يەر توزغىقى، سەككىز گرام مامرانچىنى، ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا، تۆت سەر يالپۇز، سەككىز گرام پەربۇن، 10 گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بادامسىمان بەز ياللۇغى ۋە كېكىردەك ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. چوڭ يوپۇرماقلىق لويلا، يەر توزغىقى ۋە تازىلانغان شورنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ قۇرۇىغانغا قەدەر دۈملەپ، گۈلىدەك چوڭلۇقتا ئېغىزغا سېلىپ شۈمۈپ يۇتۇپ بەرسە، كېكىردەك ياللۇغى ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چوڭ يوپۇرماقلىق لويلىنى تۆت گرام يەر توزغىقى بىلەن قاينىتىپ شۆپۈكى ۋە ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلگەن چىلان يەتتە تال بىلەن قوشۇپ ئېزىپ، خېمىر قىلىپ، لاتىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ تازىلاپ، دورا سۈرتۈلگەن لاتا بىلەن تېڭىپ بەرسە، قاداققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. چوڭ يوپۇرماقلىق لويلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناش ۋە بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. چوڭ يوپۇرماقلىق لويلىنى يۇمشاق سوقۇپ، بۇرۇن ئىچىگە پۈركۈپ بەرسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى