چاكا مۇخ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ رويان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چاكا مۇخقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 50 سانتىمېتىر؛ غولى توپلىشىپ ئۆسكەن، تۆت قىرلىق، بۇغۇمى روشەن بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ،
ھەربىر ئايلانمىدا تۆتتىن سەككىزگىچە يوپۇرماق بولىدۇ. سېپى بولمايدۇ، يېيىلىپ تۇرىدۇ ياكى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇسسىمان،
گۈلى كىچىك، رەڭگى سارغۇچ ئاق ياكى سېرىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
يازدا ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ كېسىپ ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل ھالەتتىمۇ
ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىلىرى، چىمەنلىك ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قاننى جانلاندۇرۇش، زەھەرنى كېسىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، قىچىشىشنى بېسىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل چاكا مۇخنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئۆتكۈر يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل چاكا مۇخنى ئېزىپ مەلھەم قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل چاقىلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
چاكا مۇخنى قاينىتىپ سۈيىدە بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.