بەزرۇلبەنجى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، پېدىگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئۇزۇن ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى رەيھاننىڭ يوپۇرمىقىدىن يوغانراق، قېلىن، قارا كۆك رەڭدە، تۈكلۈك بولىدۇ. پۇرىقى بەتبۇي، تەمى تېتىقسىز.
گۈلى سۇس ھاۋا رەڭدە، تېنى تۈكلۈك بولۇپ، ئۇرۇقى ئانارنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغان يالغان چېچىكىگە ئوخشاش، غوزىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ئۇرۇقى
ئۇششاق، ياپىلاقراق، قىزىل، قارا، ئاق رەڭدە بولىدۇ. قىزىلىنىڭ چېچىكى سېرىق رەڭدە، قارىسىنىڭ سۇس ھاۋا رەڭدە، ئېقىنىڭ قارىراق ئاق
رەڭدە، بۇنىڭ يوپۇرمىقى ئازراق بولىدۇ. قارا ئۇرۇقلۇقى بىلەن قىزىل ئۇرۇقلۇقى ئىشلىتىلمەيدۇ، بۇ ئۆسۈملۈك بۇ يىل تېرىلسا، كېلەر يىل ھوسۇل بېرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئىككىنچى يىلى كۈزدە پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ،
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، مەست قىلىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، بىھوش قىلىش، قۇرۇتۇش، قان
توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 2 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنى چالا سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، باش ئاغرىقى، مۇپاسىل (بوغۇم) ئاغرىقلىرى، نىقرەس قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئارپا ئۇنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قۇلاق ئاغرىقى، ئىسسىقتىن
بولغان ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ مۇسەللەس بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئەمچەك ۋە ئۇرۇقدان ئىششىقلىرىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەلۇم جايدىكى موينى (تۈك) يۇلۇپ ئورنىغا بەزرۇلبەنجىنىڭ ئۇرۇقىنى مۇسەللەس بىلەن خېمىر قىلىپ قايتا - قايتا چېپىپ بەرسە، شۇ
ئورۇنغا قايتا موي چىقمايدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ شاخلىرىنى قاينىتىپ سىركە ياكى ئەپيۈن بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۇلۇق جاراھەتلەرنىڭ سۈيىنى
قۇرۇتىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ گۈلىنى دارچىن، زەنجىۋىل، ھەسەل بىلەن مەيدىگە چېپىپ بەرسە، مەيدە ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنى ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ پىلتە قىلىپ بوۋاسىرغا قويۇپ قويسا، بوۋاسىرغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ يېڭى شاخ يوپۇرماقلىرىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كىشىنى سەمرىتىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ يوپۇرمىقىنى مۇسەللەس بىلەن قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن بولغان بەزگەك ۋە بەدەن
ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ شاخ ۋە يوپۇرماقلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئىسلىنىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى، قىچىشقاق، ئېغىزدىن كەلگەن قان قاتارلىقلارغا ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.
9.0 گرام بەزرۇلبەنجىنى 8.1 گرام كۆكنار ئۇرۇقى، 8.1 گرام مائۇل ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، قان كېلىش قاتارلىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ تۇخۇم سېرىقى، توخۇ يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئەمچەك، ئۇرۇقدان ۋە
يىرىق ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇرۇقدانغا چېپىپ بەرسە، ئۇرۇقدان ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بەزرۇلبەنجىگە باراۋەر مىقداردا ئەپيۈن قوشۇپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ،
پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ قەتىران بىلەن خېمىر قىلىپ چىشنىڭ كاۋاكلىرىغا قويۇپ بەرسە، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بەزرۇلبەنجىنى قەتران بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ماتكا جاراھىتىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ غار - غار قىلسا چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى سوقۇپ تۈگمىچىلىك چوڭلۇقتا توقىچاق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
بەزرۇلبەنجىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چىشقا تېمىتىپ بەرسە، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.