UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاقىرقەرھا

ئاقىرقەرھا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئاقىر قەرھاغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى چاچما بولۇپ، قارامتۇل خورما رەڭدە بولىدۇ، غولى يالغۇز، تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان يېرىلغان، كىچىك يېرىقچە يوپۇرماقلىرى يىپ شەكلىدە بولىدۇ، تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى بار، غولىدىكى يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى يوق، باشسىمان گۈل رېتى چوڭراق بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدىن يالغۇز ئۆسۈپ چىقىدۇ ۋە بىرقانچە گۈللىرى كۈنلۈكسىمان تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئەتراپتىكى گۈللىرى تىل شەكلىدە، رەڭگى ئاق، ئوتتۇرىدىكى گۈللىرى نەي شەكلىدە، رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە باشاقسىمان گۈلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئالتىنچى ئايدا گۈلى ئېچىلىش بىلەن، باشسىمان گۈللىرىنى ئۈزۈۋېلىپ، يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقى ۋە نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاش، بەلغەم يۇمشىتىش، قىزىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. ئاقىرقەرھانى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كارىۋات ئەتراپى ۋە كىيىم - كېچەكلەرگە چېچىپ قويسا، پىت، بۈرگە ۋە چۇسىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. 100 گرام ئاقىرقەرھانى بىر كىلوگرام كىرسىنغا ئىككى كۈن چىلاپ قويۇپ سۈزۈپ، ئاندىن ھويلا - ئاراملارغا پۈركۈپ بەرسە، پاشا - چىۋىنلەرنى يوقىتىدۇ. ئاقىرقەرھانى يۇمشاق سوقۇپ، چىش تالقىنى تەييارلاپ، چىشلەپ بەرسە، چىش ئاغرىقى، تىلنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ۋە گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاقىرقەرھانى ھەسەل بىلەن قوشۇپ مەلھەم قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل ۋە بەلغەم خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاقىرقەرھانى يۇمشاق سوقۇپ، ياغ بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان پۇت - قول ۋە باشقا ئەزا ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاقىرقەرھا | UyghurWiki | UyghurWiki