UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقوچاققول

قوچاققول

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قوچاققولغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك غولى گۆشلۈك، تۆت ~ ئالتىگىچە شاخلانغان بولۇپ، خۇددى ئىككى ئالىقاننى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. يېڭى ئۆسكىنى ئاق رەڭلىك، كېيىن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ؛ غولىدىكى يوپۇرماقلىرى تۆت تالدىن يەتتە تالغىچە بولىدۇ. شەكلى كەڭ يىپسىمان ياكى تېمىنەسىمان، يوپۇرماق تومۇرلىرى تۈز (پاراللېل تومۇر) بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ تۈۋى غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى بېغىر رەڭ ياكى سۇس بېغىر رەڭ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ جىلغىلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى، ئورمان ۋە چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مۇسپىيلىككە ياردەم بېرىش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قوچاققولنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوچاققولنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ئۇزۇنغىچە ئىچ سۈرۈش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە قان ئازلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قوچاققولنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇشتىن بولغان زەخىملەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قوچاققولنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل زەخىملەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى