كېۋەز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كېۋەزگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى ئاچ سېرىق، مېۋىسىنىڭ شەكلى ياڭاققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە ئاق رەڭلىك تالا (پاختا) بىلەن قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇقى (چىگىتى) بولىدۇ. تالاسى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چىگىتى، غوزا شاكىلى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چىگىتىنى كېۋەز چىغىرىقلانغاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ خام ھالەتتە ياكى قورۇپ؛ غوزا شاكىلىنى كېۋەزنى تېرىۋالغاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ سوقۇپ ياكى قورۇپ سوقۇپ، يىلتىزىنى كۈزدە كېۋەزنى تېرىۋالغاندىن كېيىن يۇلۇۋېلىپ، شاخ ۋە چاچما يىلتىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تولۇق نەمدەپ يالپاقلاپ توغراپ، خام ھالەتتە ياكى قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈت كۆپەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، قان توختىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، يۆتەل ۋە دەم سىقىشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ كېۋەز يىلتىزى 15 ~ 30 گرام، كېۋەز چىگىتى 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام كېۋەز چىگىتىنى، 10 گرام كەتىرا، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
28 گرام قورۇلغان كېۋەز چىگىتىنى 12 گرام ئارپىبەدىيان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 ~ 20 گرام كېۋەز غوزا شاكىلىنى سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ تارىيىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان كېۋەز چىگىتىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام كېۋەز يىلتىزىنى 15 گرام خام جىزچياۋ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ تۆۋەنلەپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
يەتتە تال پىشمىغان كۆك كېۋەز غوزىسىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
140 گرام قورۇپ سوقۇلغان كېۋەز چىگىتىنى 35 گرام نېلۇپەر گۈل تېگى، 20 گرام قارا شېكەر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام چىگىتتە ياغ تارتىپ، كۈندە ئىككىدىن تۇخۇمنى چىگىت يېغىدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىگىت مېغىزىدىن 5.2 كىلوگرام، چاكاندىدىن 750 گرام، ئۆرۈك مېغىزدىن بىر كىلوگرام ئېلىپ، چىگىتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، پوستى سويۇۋېتىلگەن ئۆرۈك مېغىزىنى ئايرىم قورۇپ، قورۇلغان دورىلارنى چاكاندا بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زۇكام، يۆتەل ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.