UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاپتاپپەرەس

ئاپتاپپەرەس

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئاپتاپپەرەسكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۈرەكسىمان، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماق ساپىقى ئۇزۇن بولىدۇ، باشاقسىمان گۈل رېتىدە سېرىق چېچەكلەيدۇ، دائىم قۇياشقا باقىدۇ. گازىرىدىن ياغ تارتىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گازىرى ئېلىۋېتىلگەن گۈل تەخسىسى، تىلسىمان گۈلى، يىلتىزى ۋە غولى ئىچىدىكى ئاق پورى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا چېچىكىنى؛ مېۋىسى پىشقاندا گۈل تەخسىسىنى، غولىنىڭ ئىچىدىكى ئاق پورى، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئاغرىق توختىتىش، ئاشقازان، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ھامىلە چۈشۈرۈش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈت كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ ئاپتاپپەرەس تەخسىسى 35 ~ 70 گرام، ئاپتاپپەرەس يىلتىزى 15 ~ 30 گرام، ئاپتاپپەرەس پورى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن بىر دانە ئېلىپ ياكى 20 تال سوقا چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن بىر تال ئېلىپ، ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا كاپ ئېتىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئىچ سۈرۈپ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئاپتاپپەرەس پورىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاقسىل سىيىش ۋە ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس يىلتىزىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن 35 ~ 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، قارا شېكەردىن 35 گرام قوشۇپ تەڭشەپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس ساپىقىدىن بىر تال ئېلىپ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن رەيھان شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقىدىن 20 گرام، دولانىدىن 35 گرام ئېلىپ، قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن يۇمشاق سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ سۈيىگە قارا شېكەردىن 35 گرام قوشۇپ، ھەيز ۋاقتىدا ئىچىپ بەرسە، قان تۇرۇپ قېلىشتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس گۈل تاجىسىنى سۇ مېيىغا چىلاپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ھەرخىل كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاپتاپپەرەس | UyghurWiki | UyghurWiki