قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلغا ئۇرۇقداش بولۇپ، تەخمىنەن 60 سانتىمېتىرچە ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، بۇغۇملىرى ۋە چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ، رەڭگى سۇس سېرىق كېلىدۇ. غولى يەككە تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ياكى ئايلانمىراق ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ،
يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى كانايسىمان، رەڭگى سۇس سۆسۈن بولۇپ، ئادەتتە قولتۇقىدىن ئىككى تالدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ.
شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە، رەڭگى قىزغۇچ بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ تازىلاپ، چاچما يىلتىزلىرىنى
ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ باغرى ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
يۈرەك، ئۆپكىنى ھۆللەشتۈرۈش، خىلىت ھاسىل قىلىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قان ۋە
مەنىينى كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
35 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلنى 35 گرام قارا مور، 30 تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۆمۈر ماددىسى
يېتىشمەسلىكتىن بولغان قان ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلنى 12 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقى، 10 گرام ئاق چۇغلۇق، 12 گرام قانتېپەر، 10 گرام ئايرىم ئېرىتىلگەن ئېشەك
يېلىمى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان قان ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل ۋە كىرەشنىڭ ھەر بىرىدىن 140 گرامدىن ئېلىپ، 70 گرام ھاراقتا ھوردىتىپ ئاندىن ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، قۇرۇغاندىن
كېيىن يۇمشاق سوقۇپ، چېكىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر
تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلنى 12 گرام ئالقات يىلتىز پوستى، 20 گرام تەسۋىقوناق بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىگە
ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
250 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلنى سۇدا قاينىتىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، پۇت ۋە يوتا تەمرەتكىسىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە، تال، ئاشقازان ئاجىزلىقى ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
140 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلنى 250 گرام گۈلسامساق، 70 گرام غاز ئوتى بىلەن بىللە ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ يۇمشاق سوقۇپ، چەككىلەنگەن
ھەسەل بىلەن پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىكى قان
تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ