چوكا دەرىخى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چوكا دەرەخ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، چوكا دەرەخكە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ياكى ئۈچ تال يوپۇرمىقى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن سىرتىنى ئاق يۇمشاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇم شەكلىدە ياكى يۈرەك شەكلىدە، يوپۇرماق ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، گىرۋىكى دولقۇنسىمان بولۇپ، كونۇسسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى قوڭغۇراق شەكىللىك، رەڭگى ئاقۇش سېرىق، ئىچكى تەرىپىدە سىزىقچىلار بولىدۇ، غوزا مېۋىسى چوكىغا ئوخشاش بولۇپ،
ئىنچىكە ئۇزۇن، پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى ئۇزۇن ياپىلاق، ئىككى بېشىدا ئۇزۇن ئاق تۈكلەر بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يىلتىز پوستى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقاندا ئېلىپ قۇرۇتۇپ؛ يىلتىز پوستىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، سىرتىدىكى قاتتىق پوستىنى ئېلىۋېتىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئىششىق ياندۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىسسىق ۋە زەھەرنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ چوكا دەرىخى مېۋىسى 12 ~ 20 گرام، چوكا دەرەخ يىلتىز پوستى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
چوكا دەرىخى مېۋىسىدىن 12 ~ 20 مىسقال ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، ئىششىق ۋە
جىگەر قېتىشىشتىن بولغان قورساققا سۇ يىغىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چوكا دەرىخى يىلتىز پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، تەمرەتكە ۋە تېرە قىچىشمىسىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چوكا دەرىخى يىلتىز پوستىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىششىق ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ.