UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقاغىتىرنىقى

قاغىتىرنىقى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پىياز ئائىلىسىدىكى باش باھاردا ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قاغا تىرنىقىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستى تەڭگىسىمان غولى شار شەكلىدە بولۇپ، سىرتىنى كۆپ قەۋەت قارامتۇل خورما رەڭلىك پەردىلەشكەن تەڭگىچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ، يەر ئۈستىدىكى غولى تىك بولۇپ، شاخلىمايدۇ؛ يوپۇرمىقى ئىككى - ئۈچ دانە بولۇپ، تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، شەكلى ئۇزۇن تېمىنىسىمان، يوپۇرماق تومۇرى تۈز، يوپۇرماقلىرى تولۇق گىرۋەكلىك بولۇپ، تۈۋى تۆۋەن سوزۇلۇپ، غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ؛ گۈلى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، قوڭغۇراقسىمان، سېرىق، گۈل تاجى يوپۇرمىقى ئالتە دانە، غوزا مېۋىسى سوقىچاق، ئۈچ قىرلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئوبدان قاينىتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇق تاغ باغرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. توسالغۇلارنى ئېچىش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. قاغا تىرنىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، غەلۋىرەك، لىمفا سىلى ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قاغا تىرنىىنى يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قاغا تىرنىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سىرتقى تەسىردىن بولغان ئىششىق ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قاغا تىرنىقىنى ئېزىپ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك، ئىششىق ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى