قاقىرا تۇمشۇق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قاقىرا تۇمشۇقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قاقىرا تۇمشۇققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈۋىدىن شاخلايدۇ، ياتما ياكى يانتۇ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئۇزۇن، چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە ياپراقلىرى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈلى جۈپ - جۈپ بولۇپ، ئومۇمىي گۈل سېپى ئۈستىدە ئۆسىدۇ، گۈل سېپىدا سېرىق بەزلىك تۈكچىلەر بار، گۈل تاجىسى بەش دانە بولۇپ، سۇس قىزىل ياكى ئاقۇچ كېلىدۇ. مېۋىسى قاقىرا تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ، پىشقاندىن كېيىن دوغا شەكلىدە يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەم تاغ باغرى ۋە دەريا ۋادىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
يەلنى تارقىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قاقىرا تۇمشۇقتىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
50 گرام قاقىرا تۇمشۇقنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام قاقىرا تۇمشۇقنى 10 گرام ياۋا زاغۇن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.