UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتەرخەمەك

تەرخەمەك

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تەرخەمەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ، ئورىغۇچى يىپلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە، تىكەنلىك بولۇپ، پىشقاندا سارغىيىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، <خاڭگا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىزى، ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا مېۋىسى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىگە جۇلا بېرىش، سۈيدۈك ھەيدەش، تاش پارچىلاش ۋە چۈشۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرلەر جىنسىي ئەزا ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ؛ دوۋساقتىكى تاش ۋە قۇملارنى چۈشۈرىدۇ. تەرخەمەكنىڭ يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ھەسەل سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نورمالسىز خىلىتلارنى تازىلايدۇ. تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇق ۋە ئېتىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ؛ بەدەننى پارقىرىتىپ، تومۇرلارنى تازىلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تەرخەمەك | UyghurWiki | UyghurWiki