كۆك يانتاق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، يانتاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
ئېگىزلىكى 30 ~ 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، چۆپى تىكەنلىك، چېچىكى سۆسۈنرەك.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى توسۇش، بەدەنگە جۇلا بېرىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئىككى گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆك يانتاقنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرنى يوقىتىدۇ. كۆك يانتاقنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆك يانتاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتىپ بەرسە، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىدۇ.
ن ن ئۈچ تامچە سەھەردە بۇرۇنغا تېمىتىپ بىر سائەتتىن كېيىن بىنەپشە يېغىنى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، سوزۇلما باش ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.
كۆك يانتاقنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن تەييارلانغان يېغىنى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، چوڭ بوغۇملارنى ۋە سوغۇقتىن بولغان
باشقا ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ.
كۆك يانتاقنىڭ چېچىكىنى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.