UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىھىندى نېلۇپىرى

ھىندى نېلۇپىرى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ھىندى نېلۇپېرى ئائىلىسىدىكى سۇدا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، ھىندى نېلۇپىرىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، چاچما يىلتىزى ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، غولى ئىنچىكە، ئاجىز، بوغۇملىرىدىن نۇرغۇن يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ يوپۇرمىقى سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ ۋە نۆۋەتلىشىپ ياكى دېگۈدەك ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى يۇمىلاق، تۈۋى چوڭقۇر يۈرەكسىمان، گىرۋەكلىرى تولۇق، ئۈستى يېشىل، كەينى سۆسۈن قىزىل رەڭدە بولىدۇ؛ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق، غوزىسىمان مېۋىسى سوقىچاق بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇرۇقلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆل ۋە دەريا ئېقىمى بويلىرىدىكى ئويمانلارغا يىغىلىپ قالغان توختام سۇلاردا، بولۇپمۇ باغراش كۆلى، ئىرىتىش دەرياسى ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، ئاغرىق توختىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل ھىندى نېلۇپىرىنى يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق چاقا ۋە ھەرە چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھىندى نېلۇپىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، دېئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ھىندى نېلۇپىرىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ھىندى نېلۇپىرى | UyghurWiki | UyghurWiki