UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىبوز تىكەن

بوز تىكەن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بوز تىكەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈكتە ئاق سۈت بولىدۇ؛ غولى تىك، تۈكسىز، سىلىق؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنىڭ قىسقا سېپى بولۇپ، ئادەتتە بالدۇر قۇرۇپ كېتىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى سوقىچاق، تېمىنىسىمان بولۇپ، پەيسىمان تېيىز ياكى چوڭقۇر يېرىلىدۇ، تۈۋى قۇلاقسىمان بولۇپ، غولىنى ئورۇۋالىدۇ، گىرۋىكىدە تىكەنلىك چىشلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا يىغىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز، يول بويلىرى ۋە جىلغا قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قانلارنى ماڭدۇرۇش، يىرىڭنى چىقىرىش، غەلۋىرەكنى ساقايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. بوز تىكەندىن 30 گرام، خام تەسۋىقوناق دېنىدىن 35 گرام، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 20 گرام، تاغ دېنىدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى بوز تىكەننى سۇدا قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، يەنە قاينىتىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پۇت يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاغ بوز تىكەن گۈلىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بوز تىكەندىن 20 گرام، بىنەپشىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يارا ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى