تۇخۇمەك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بۇيىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گۈلى سۇس سېرىق، مېۋىسى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، گۆشلىشىدۇ، يېرىلمايدۇ، ھەر بىر ئۇرۇقىنىڭ
ئارىلىقى بوغۇلۇپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشى تەسۋىگە ئوخشاپ قالىدۇ. گۈلى ۋە يوپۇرمىقىدىن سېرىق بوياق ئېلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، غۇنچىسى، شېخى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غۇنچىسى ئېچىلاي دېگەندە غۇنچىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ ياكى سارغايغۇچە قورۇپ كۆيدۈرۈپ تۇخۇمەك <گۈلىنىڭ كۆمۈرى> تەييارلىنىدۇ؛ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، سېپى
ئۈزۈۋېتىلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ھەسەل قوشۇپ <تۇخۇمەك مېۋىسى> تەييارلىنىدۇ؛ يازدا ۋە كۈزدە يۇمران شاخلىرىنى يىغىۋېلىپ، كەسلەپ ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ <تۇخۇمەك شېخى> تەييارلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ <تۇخۇمەك يوپۇرمىقى> تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قان سوۋۇتۇش ۋە قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ تۇخۇمەك گۈلى 4 ~ 12 گرام، تۇخۇمەك غۇنچىسى 4 ~ 12 گرام،
تۇخۇمەك مېۋىسى 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا، تۇخۇمەك شېخى بىلەن تۇخۇمەك يوپۇرمىقى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام تۇخۇمەك گۈلىنىڭ كۆمۈرىنى سەككىز گرام تۇخۇمەك مېۋىسى، 20 گرام چۈلۈك يىلتىز پوستى (قورۇپ سارغايتىلغان)، سەككىز گرام
ئانار پوستى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن قوشۇپ تۆت تال كۇمىلاچ ياساپ، ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئاچ قورساققا بىر
تالدىن كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە بوۋاسىرغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەكنىڭ قۇرۇق گۈلى ياكى ھۆل گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
سەككىز گرام تۇخۇمەك گۈلىنىڭ كۆمۈرىنى 20 گرام قورۇلغان توشقانئوتى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كۆپىيىپ
كېتىش ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ھۆل تۇخۇمەك گۈلىنى 35 گرام ھۆل ئەگرىسۇنا، 30 گرام ھۆل كىچىك خوخا، 20 گرام ئارچا يوپۇرمىقى، 12 گرام مودەن يىلتىز پوستى،
10 تال چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ، يۈز قىزىرىش، ئېغىز قۇرۇش ۋە تىل
ئۇچى قىزىرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام تۇخۇمەك گۈلىنىڭ كۆمۈرىنى 20 گرام قازان كۈيىسى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز
گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەكنىڭ يۇمران قوۋزىقىنى ئوتتا قاقلاپ سارغايتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۇنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،
شاپاق يارىسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەك يوپۇرمىقى ۋە شېخىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل تەمرەتكىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ھۆل تۇخۇمەك شېخىنى تۆت گرام يېشىل چاي، 5.0 گرام زەمچە بىلەن بىللە بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم،
پاختىنى چىلاپ كۆز جىيەكلىرىنى يۇيۇپ بەرسە، كۆز، قاپاق جىيىكى ياللۇغى (قىزىل كۆز) غا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەك گۈلىنى ئېزىپ تالقانلاپ، زىغىر يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوت ۋە سۇدا كۆيگەن كۆيۈكلەرگە ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەك مېۋىسىنى قورۇپ كۆمۈرلەندۈرۈپ، سوقۇپ تالقانلاپ كۈنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل
كۆيۈكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.